|
ھازىرقى خەتنىڭ چوڭلۇقى
12pt
ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك
| يوللانغان ۋاقتى : | 2011-7-18 12:01:12 |
1. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى قانداق مەكتەپ؟ جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەستىقلاپ ئەنگە ئالغان، پۈتۈن شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان، كۆپ خىل ئوقۇتۇش شەكلىدىكى ئىقتىدار مائارىپى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرگەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى. 2. دۆلىتىمىزدە بىرلەشمە مەكتەپلىرىدىن قايسىلار بار؟ جاۋاپ: بېيجىڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى، خېبىي بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنەن بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن بىرلەشمە ئىنىستىتۇتى، جىياڭسۇ بىرلەشمە ئىنىستىتۇتى، شىجىياجۇاڭ بىرلەشمە كەسپىي ئىنىستىتۇتى... 3. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە قانداق ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ؟ جاۋاپ: تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار ۋە مەكتىپىمىزدە ئوقۇش ئارزۇسى بولغان 15 ياشتىن يۇقۇرى ياشتىكىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. 4. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى قايسى مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقان؟ جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى شەندوڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، لوياڭ شەھەرلىك تېببىي مەكتىپى، شىجىياجۇاڭ تېببىي ئالىي تېخنىكومى.... 5. چوڭ – كىچىك دوختۇرخانىلار، دورا شىركەتلىرى ۋە دورىخانىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
6. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە تور ئارقىلىق تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ جاۋاپ: مەكتەپ بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، مەكتەپ بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپكە كېلىپ بىۋاستە تىزىملىتىشى كېرەك. ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 8555555 8522222 - 0991
7. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مەزگىلدە ئىقتىسادى ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختاپ، كېيىن كېلىپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ. دەرس توختىتىشتىن ئاۋال چوقۇم ئىلتىماس يېزىش كېرەك.
8. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە قانداق ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ؟ جاۋاپ: ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، تىرىشچان، مەدەنىيەتلىك- ئەدەپلىك، ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ.
9. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرەمدۇ؟ جاۋاپ: ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.
10. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى قانداق؟ جاۋاپ: ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ.
11. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەمكارلاشقان مەكتەپلەردە ئوقۇشقا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
12. دەم ئېلىشقا چىققانلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە مۇنتىزىم ياكى قوشۇمچە ئىشلەشكە بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
13.ھەرقايسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز مەكتىپىدە نورمال ئوقۇپ، يەنە بىرتەرەپتىن شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە قوشۇمچە ئىشلىسىمۇ بولامدۇ؟ جاۋاپ: ئۆز دەرسىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساسىدا دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بويىچە ھەق بېرىلىدۇ.
14. ئوقۇغۇچىلارغا قانداق گۇۋاھنامىلەر بېرىلىدۇ؟ جاۋاپ: ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى، دۆلەت بىرتۇتاش ئېتىراپ قىلىدىغان كەسپىي لاياقەتلىك كىنىشكىلىرى ۋە دەرىجە گۇۋاھنامىلىرى بېرىلىدۇ.
15. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقانداق جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيىلەش سىنىپلىرىدا ھەقسىز ئوقۇيالامدۇ ؟ جاۋاپ: ئوقۇيالايدۇ. ھەقسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى بىرگە ئېلىپ كېلىش كېرەك.
16. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش نىشانى نىمىدىن ئىبارەت؟ جاۋاپ: بازار ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان، ئۆزىگە تەلەپچان، ئاخلاقىي، ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە تەرەققىي قىلغان، ئاساسى مۇستەھكەم، ساپاسى يۇقۇرى، شۇنداقلا كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە، پارتىيە ھۆكۈمەت، مەمۇرىي ئورگانلار، ئەدلىيە قانۇن ئورگانلىرى، مائارىپ ئورۇنلىرى، ئاساسى قاتلام تەشكىلات، ئىجتىمائىي كاپالەت، كارخانا باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك، تىجارەت، مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلالايدىغان كەسپىي ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش.
17. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا ۋاقتىدا تىزىملاتمىسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ؟ جاۋاپ: ئوقۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ.
18. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە ۋاقتىدا تىزىملاتقاننىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ جاۋاپ: قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولالايدۇ.
19. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى چەكلىنەمدۇ؟
جاۋاپ: چەكلىنىدۇ، پەقەت شىنجاڭ دائىرىسىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
20. ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇپ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قايتا تىزىملاتسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى بويىچە بولىدۇ.
21. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە قانچە خىل كەسىپ بار؟
جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە 25 خىلدىن ئارتۇق كەسپ بار. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئارزۇسىغا ئاساسەن تاللاپ ئوقۇسا بولىدۇ.
22. قوش يۆنىلىشلىك ئوقۇش ئۇسۇلى دېگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
جاۋاپ: قوش يۆنىلىشلىك ئوقۇش ئۇسۇلى دېگىنىمىز – ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيىلەش سىنىپىدا ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بويىچە ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ ئوقۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. پايدىلىق تەرەپلىرى: 1) ۋاقىتنى تىجەيدۇ. 2) ئىقتىسادنى تىجەيدۇ. 3) بىرلا ۋاقىتتا بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە دىپلوممۇ ئالالايدۇ. 4) ھەرخىل خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىمتىھانىلىرىغا ۋە مەمورلۇق ئىمتىھانلىرىغا تىزىملاتسا بولىدۇ. 5) ياش چەكلىمىسى جەھەتتە زور پايدىلىق بولۇپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يوقىرى بولىدۇ.
23. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش رايونى قانداق؟
جاۋاپ: ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى گۈزەل، ھەرخىل ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن خالى بولغان شىنجاڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكومىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىدا بولۇپ، ھەققىي ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ماكانى، ئۆگىنىش باغچىسى. مەكتەپ ئەتىراپى يېزا مۇھىتىغا ئوخشاش يېشىللاشقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق بولغان ئويۇن تاماشا سورۇنلىرى يوق.
24. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىيازلىرى قانداق بولىدۇ.
جاۋاپ: 1) ئوقۇش ھەققى ھەقسىز بولىدۇ، ئوقۇش ھەققىدىن باشقا ھەقلەرنى تاپشۇرىدۇ.
2) دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان كەسپىي لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.
3) ياخشى ئوقۇغانلارغا ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.
4) ھەمكارلاشقان مەكتەپلەردە يۇقۇرىلاپ ئوقۇشقا بولىدۇ.ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس، ئاسپرانتلىققىچە ئوقۇيالايدۇ.
5) ياخشى ئوقۇغانلارنى مەكتەپ مەسئۇل بولۇپ خىزمەتكە تونۇشتۇرىدۇ.
25. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى بىلەن ھەمكارلاشقان شەندۇڭ ۋە شىئەندىكى ئىنىستىتۇتلاردا قانداق كەسىپلەر بار؟ كەسىپ نامى :
پەرۋىش ئىلىمى، سېسترالىق، ئالىي سېسترالىق
كۆرگەزمە پىلانى ۋە باشقۇرۇش
كىلنكىلىق داۋالاش
زەنجىرسىمان تىجارەت ۋە باشقۇرۇش
دورىگەرلىك
مەبلەغ پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش
ئېغىز بوشلۇقى
ئېلېكترونلۇق سودا
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش
سېتىش ۋە پىلانلاش
جۇڭگو تىبابەتچىلىكى
ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش
يىڭنە سانجىش ۋە ئۇۋۇلاپ داۋالاش
ساياھەت باشقۇرۇش
ساغلاملىق بويۇملىرىنى ئېچىش
كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى
ئورالما قاپ تېخنىكىسى ۋە لايىھىلەش
ئاممىۋى ئوزۇقشۇناسلىق
بىزەكچىلىك گۈزەل – سەنئەت
ئۇۋۇلاپ داۋالاش
مەتبەئە تېخنىكىسى
سالامەتلىكنى باشقۇرۇش
ئوبراز لايىھىلەش
تۇغۇت ياردەمچىسى
كومپيۇتېردا گۈزەل- سەنئەت لايىھىلەش
ساياھەت يېتەكچىسى
26. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە قانداق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ؟
جاۋاپ: مەكتەپنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆلچىمىگە يەتكەن نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 750 يۈەن، 1000 يۈەن، 1500 يۈەن ۋە 2000 يۈەن مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
27. ئوقۇش ھەققى ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قانداق شەرتلەر قويۇلىدۇ؟
جاۋاپ: شۇ ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ياخشى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولىشى كېرەك.
28. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە يىللىق ۋە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش ھەققى ھەقسىز بولامدۇ؟
جاۋاپ: يىللىق ۋە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش ھەققى بىردەك ھەقسىز بولىدۇ دېيىلگەن تەشۋىقات ماتىرىيالىنى ئېلىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش لازىم. ( بەزى كەسىپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدۇ).
29. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەردىمۇ تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئاچامدۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇغۇچىلار سانى بەلگىلەنگەن سانغا توشقان بولسا ئېچىلىدۇ.
30. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر بىلەن، تەربىيىلەش مەركەزلىرى بىلەن، شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشامدۇ؟
جاۋاپ: ھەمكارلىشىدۇ. شەھەر، ناھىيە، يېزىلاردىن پەقەت بىرلا ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
31. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ھەرقايسى جايلاردىكى تەربىيىلەش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئوقۇتۇش سالاھىيىتىگە ئىگىمۇ؟
جاۋاپ: ئىگە.
32. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە ھەرقايسى جايلاردىكى تەربىيىلەش تۈرلىرىنى ئالاقىلىشىپ بەرسە مۇكاپات بېرەمدۇ؟
جاۋاپ: ھەرقايسى جايلاردىكى تەربىيىلەش تۈرلىرىنى ئالاقىلىشپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
33. يېڭى كۆپەيگەن كەسىپلەر، ھەم ھەمكارلاشقان مەكتەپلەر ۋە يېڭى ئۇچۇر بەلگىلىمىلەرنى قانداق بېلىش كېرەك؟
جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە تېلېفون قىلىپ ياكى تور ئارقىلىق بېلىۋېىلىش كېرەك.
مەسلىھەت سۇراش تېلېفونى: 8555555– 0991 تور ئادرېسى: www.xjali.com
34. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى پىشقەدەم كادىرلارنى قارشى ئالامدۇ؟
جاۋاپ: قارشى ئالىدۇ، پىشقەدەم كادىرلار قوشۇمچە ئىشلىسىمۇ بولىدۇ.
35. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرغا قارىتا تەلەپ-پىكرىلىرى بولسا قايسى ئۇسۇلدا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ؟
جاۋاپ: سىنىپ مۇدىرى ئارقىلىق مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمگە يازما ياكى ئاغزاكى ئۇسۇلدا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.
36. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى بىلەن ھەمكارلاشسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ. بېرىلگەن ھەق ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بويىچە بولىدۇ.
37. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپى مەكتىپىگە قوبول قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كېلىپ ئوقۇشنى تولۇقلاپ داۋاملاشتۇرسا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
, 38. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار يېرىم كۈن ئوقۇپ يېرىم كۈن خىزمەت قىلسا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
39. يىللىق مۇنتىزىم سىنىپلاردا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ھەرخىل دەرىجە گۇۋاھنامىلىرىگە ئېرىشەلەمدۇ ؟
جاۋاپ: نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار ئېرىشەلەيدۇ.
40. بۇرۇن باشقا مەكتەپلەردە ئۇقۇپ ھازىر شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا تىزىمغا ئالدۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ.
41. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە كەسىپنى تاللاپ ئوقۇشقا تىزىملاتسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: ئىككى ياكى ئۈچ كەسىپنى تاللاپ بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇشقا بولىدۇ.
42. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تونۇشتۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ. مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈمى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ.
43. خەلقئارالىق كەسپىي مائارىپ تەتقىقات مۇھاكىمە چوڭ يېغىنلىرىغا شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقانمۇ؟
جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ ۋەكىللىرى داۋاملىق قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
44. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا، پۈتۈن كۈن ياكى قوشۇمچە ئىشلىشىگە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.
45. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلامدۇ؟
جاۋاب: داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
46. ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇۋىتىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشسا ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس دىپلومىغا ئېرىشەلەمدۇ ؟
جاۋاب: ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس دىپلومىغا ئېرىشەلەيدۇ.
47. ئۇقۇشقا كىرىشكە توردىن تىزىملىتىشتىن باشقا يەنە، شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ شۇ يەرلىك ئۇرۇنلاردىكى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خادىملىرىغا تىزىمغا ئالدۇرسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ. لىكىن تىزىمغا ئالدۇرغانلىق ئىسپاتىنى بىرگە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
48. توردا تىزىملاتقاندا تىزىملىتىش ھەققى تۆلەش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: تۇردا تىزىملاتقاندا مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر قىسىم پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۇش كېرەك. چۈنكى تىزىملاتقانلار كۆپ بولسا ھەق تاپشۇرغانلار ئاساس قىلىنىدۇ.
49. نىمە ئۈچۈن شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە بالدۇر تىزىملاتقان ياخشى دەيمىز؟
جاۋاب: بالدۇر تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئالدىن مەكتەپ پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ئالدىن بەھرىمان بولىدۇ.
50. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى توشسىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلامدۇ؟
جاۋاپ: سان توشسا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ.
51. نىمە ئۈچۈن شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى چەكلىك بولىدۇ؟
جاۋاپ: شۇ كەسىپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى توشسىلا قوبۇل قىلىنمايدۇ.
52. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خادىمى بولۇپ قوشۇمچە ئىشلىشىگە بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ (تەپسىلات توغىرسىدا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىپ ھەمكارلىق توختامى ئىمزالايدۇ).
53. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرخىل كەسىپتىكى خادىملارمۇ شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خادىمى بولۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ. مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەربىيىلەپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
54. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەسلىھەت بېرىلەمدۇ؟ جاۋاپ: ھەقسىز مەسلىھەت بېرىلىدۇ.
55. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ كەسىپلىرىدە بەزى ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن قانداق خەۋەردار بولۇش كېرەك؟
جاۋاپ: جەمىئيەتنىڭ ئىھتىياجغا ئاساسەن يېڭى كەسىپلەر يولغا قۇيىلىدۇ. مەكتەپنىڭ تورىغا چىقىش ئارقىلىق ياكى 8555555-0991 غا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق بىلىش كېرەك.
56. سېسترالىق تېخنىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش ھەققى ھەقسىز بولامدۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇپ ئوقۇيدۇ.
57. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ۋە شىنجاڭدىكى قايسى ئورۇنلاردىكى مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقان؟
جاۋاپ: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ( بېيجىڭ، شەندۇڭ، شىئەن، لوياڭ، شىجىياجۇاڭ... قاتارلىق) ئورۇنلاردىكى مەكتەپلەر بىلەن. شىنجاڭدا ( ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، غۇلجا، تۇرپان، كۇرلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن... قاتارلىقلار ) ۋىلايەت شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.
58. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدىن قانچە ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىدۇ؟
جاۋاپ: بىردىن ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ھەمكارلاشقۇچىلار چوقۇم مائارىپنى قوللايدىغان بولىشى كېرەك.
59. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ئارزۇ تولدۇرۇشتا مەسلىھەت بېرىلەمدۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىلىدۇ. ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى: 2188888 5777777 2777777 – 0991
60. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقانمۇ؟
جاۋاپ: ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.
61. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە تېخنىكا ۋە چەت ئەل تىلى ئۈگىنىپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار بارمۇ؟ جاۋاپ: بار.
62. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
63. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار بارمۇ ؟ جاۋاپ: بار.
64. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان؟
جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسى، مەركىزىي شەھەر داڭلىق ماركا ئېلان ئۇچۇرلىرى گىزىتى، شىنجاڭ گىزىتى، شىنجاڭ ئۇچۇرلار تورى، شىنجاڭ ئۇلىنىش تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان.
65. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرەمدۇ؟
جاۋاپ: باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇتۇش پىلانى توشقاندا تەتىلگە قۇيۇپ بېرىلىدۇ.
66. تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلار خالىغان پەن تۈرى بويىچە قىشلىق، يازلىق تەتىللىك كۇرسلارغا قاتناشسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ.
67. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە تەتىللىك كۇرسقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلامدۇ؟ جاۋاپ: ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
68. «ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ» دىيىلىدىكەن بەھرىمان بولغانلار بارمۇ؟ جاۋاپ: بار.
69. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار قانداق باشقۇرۇلىدۇ؟
جاۋاپ: مۇنتىزىم مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
70. ئوقۇغۇچىلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش كېركمۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇش جەريانىدا تاسادىبى ھادىسلەردە زەخمىلەنگەندە، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، سۇغۇرتا شىركتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالىنىش ھەققى سۇغۇرتا شىركىتى تەرپىدىن ئاتچوت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش كېرەك.
71. ناھىيە، يېزىلاردىن كېلىپ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە ئوقۇغاننىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
جاۋاپ: مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى بولسا – ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسى-ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ، سودا-ساياھەت، پەن – تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنىڭ مەركىزى ھېساپلىنىدۇ. 1) ئۈگىنىش دائىرىسى چوڭقۇرلىشىدۇ. 2) نەزەر دائىرسى كېڭىيىدۇ. 3) ياخشى ئۈگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئىتىلىدۇ. 4) ئۆزىنى چىنىقتۇرۇش پۇرسىتى كۆپ. 5) ياخشى ئوقۇغانلارنىڭ كەلگۈسى زور ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ.
72. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئوقۇتۇش جەھەتتە قانداق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە؟
جاۋاپ: شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى مەنبەسى ئاساسەن شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن كېلىدۇ، كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىغا ئىگە، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار كۆپ.
73. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە مەلۇم ناھىيە ۋە يېزىلاردىن كوللېكتىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇشقا ھاۋالە قىلسا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
74. ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىر شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇماقچى بولسا ئوقۇش ھەققى ھەقسىز بولامدۇ؟ جاۋاپ: بولىدۇ.
75. ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ باللىرى ۋە يىتىم – يېسىرلارنىڭ شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ھەقسىز ئوقۇشىغا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ. ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتىپىمىزگە كېلىپ ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى بار.
76. ئوقۇش ھەققى ھەقسىز قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ھەققىدىن باشقا قانداق ھەقلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك؟
جاۋاپ: 1) تىزىملاش ھەققى. 2) ماتىرېيال ھەققى. 3) كومپيۇتېر مەشغۇلات ھەققى 4) ياتاق ھەققى 5) سۇغۇرتا ھەققى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى تاپشۇرىدۇ، ئوقۇش ھەققى بىردەك ھەقسىز بولىدۇ.
77. چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بۇ مەكتەپكە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياكى ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بارمۇ؟
جاۋاپ: ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بار، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تېلېفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.
78. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلامدۇ؟
جاۋاپ: پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇشقا قوبۇل قىلمايدۇ، تەتىللىك، شەنبە-يەكشەنبىلىك كۇرسقا قوبۇل قىلىدۇ.
79. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا مىللەت چەكلىنەمدۇ؟
جاۋاپ: چەكلەنمەيدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىردەك قوبۇل قىلىنىدۇ.
80. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش جەريانىدا پراكتىكا ۋاقتى بارمۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا ۋاقتى بار.
81. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە پراكتىكا قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
82. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق تىزىملىتىش كېرەك؟
جاۋاپ :1) يەرلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خادىملىرى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش. 2) تور ئارقىلىق تىرىمغا ئالدۇرۇش. 3) ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش نۇقتىلىرى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش. 4) تېلېفۇن ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش .5) شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش.
83. شىنىجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇش ئۈچۈن يىراقتىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەكتەپنى تاپالمىسا قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇغۇچىلار يۇرتىدىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مەكتەپ بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىدۇ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى بىكەتلەرگە ماشىنا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ ماشىنا ئارقىلىق مەكتەپكە كېلىدۇ. ياكى ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ تېلېفون قىلسا مەكتەپ ماشىنىسى بېرىپ ئەكىلىۋالىدۇ.
84. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا توختام تۈزۈلەمدۇ؟ جاۋاپ: توختام تۈزۈلىدۇ.
85. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلامدۇ؟ جاۋاپ: قاتناشتۇرۇلىدۇ.
86. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلامدۇ؟
جاۋاپ: پۈتۈن شىنجاڭدىن داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
87. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى قايسى؟
جاۋاپ: 8522222-0991 2755555-0991 8555555-0991
88. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفون نومۇرى قايسى؟
جاۋاپ: 8555888-0991
89. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ مەخسۇس تور بېتى بارمۇ؟
جاۋاپ: بار www.xjali.com
90. ئىلگىرى ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىگە كېلىپ ھەقسىز ئوقۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ، ھەقسىز ئوقۇش تەشۋىقاتنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. دەرس باشتىن باشلىنىدۇ.
91. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ياش چەكلىنەمدۇ؟
جاۋاپ: چەكلەنمەيدۇ، پەقەت مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىغان ھەرقانداق ئوقۇش ئارزۇسى بارلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىندۇ.
92. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى تەربىيىلەش سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇش ۋاقتى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: پۈتۈن كۈنلۈك، چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن، كەچلىك، شەنبە-يەكشەنبلىك، تەتىللىك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىپ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇيالمىسا كېيىنكى قاراردا ئوقۇۋالسا بولىدۇ.
93. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەربىيىلەرنى ئاساس قىلىدۇ؟
جاۋاپ: كەسپىنى سۆيۈش، قىتىرقىنىپ كەسىپ ئۆگىنىش، ئەخلاق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش تىمىسىنى ئاساس قىلىدۇ.
94. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئالىي مەكتەپلەردىن پىنىسىيىگە چىققانلارنى قارشى ئالامدۇ؟ جاۋاپ: قارشى ئالىدۇ.
95. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى چەت ئەلدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەنلەرنى قارشى ئالامدۇ؟ جاۋاپ: قارشى ئالىدۇ.
96. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تولۇق كۇرس ياكى ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇپ ئىچىكىرىدىكى مەكتەپلەرگە بارغاندىن كېيىن ئالىي تېخنىكوم ۋە تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدە ئوقۇيالامدۇ؟
جاۋاپ: ئوقۇيالايدۇ. ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالىي تېخنىكومغا قوبۇل قىلىش، ماس كەسىپ بويىچە يۇقۇرىلاپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش..... ئىمتىھانغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولسا ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىدە ئوقۇيالايدۇ.
97. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قايسى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن؟
جاۋاپ: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى... قاتارلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن.
98. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ شارائىتى قانداق؟
جاۋاپ: مەكتەپ چوڭ ئاشخانىسى، تاللا بازىرى، ناۋايخانا، قۇشۇمچە ئاشخانا، مۇنچا، تېلېفونخانا، دورىخانا ... قاتارلىك زورۈر ئېھتىياجلىق بولغان شارائىتىلىرى بار.
99. شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قەدەر چوڭ بولغان زاۋۇت، كارخانا، شىركەت ۋە ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقانمۇ؟ جاۋاپ: ھەمكارلاشقان.
100. زاۋۇت، كارخانا، شىركەت ۋە ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولامدۇ؟
جاۋاپ: ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ھەرقايسى بۆلۈم ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى
0991
8555555 2555555 3555555 4555555 5777777
2888888 2777777 2755555 2055555 5755555
5355555 5333555 5333999 8522222 8533333
8200000 5200000 8255555 8055555 2788888
3222222 5788888 2888255 2188888 5388888
8333333 8555888 3953110 3953888 8383110
شىنجاڭ بىرلەشمە كەسپىي مەكتىپى
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسى
|